باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

روھىيەتنىڭ زور شەرھى، خەلقچىللىقنىڭ نامايەندىسى(1)

جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە نەزەر (3)

2013.09.03 10:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوش ئۈنۈمگە ئىگە قىلىپ كەلدى.

  شەھەر تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭچە روھ قايتا – قايتا مۇجەسسەملەندى ۋە ئەۋج ئالدى. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتى سۆھبەت سەھنىسىدە شىنجاڭلىقلار ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشتەك دەۋر شارائىتىدا ئوتتەك قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

  شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈرئىتى تېزلەشتى

  ‹‹نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ كەلدى. مۇكەممەل شەھەر ئۇل مۇئەسسەسەسى، كەڭ قورساقلىق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئەكس ئېتىپ تۇرغان شەھەر خىسلىتى ھەر بىر ساياھەتچىگە ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى››، دېدى شىنجاڭ بىڭتۈەن جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى خېرىدارلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى جيەن.

  ئەمەلىيەتتە، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئۈرۈمچىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئەۋزەللىشىشى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرى ھەممىگە ئايان، ئۇنىڭ تەرەققىياتى شۇ قەدەر تېز. ‹‹پاكىز، يورۇق، راۋان، كۆركەم›› بولۇش ئالاھىدىلىك قىلىنغان شەھەر قىياپىتى مەركىزىي شەھەرنىڭ جەزبىدارلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

  كۆرگەزمىچىلىكنىڭ تەرەققىياتى بىر شەھەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ھامان ‹‹مەجبۇرىي ئۈنۈم›› شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇننىڭ جەلپكار شەھەر بەرپا قىلىشى ئۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئىككى نۆۋەتلىك كاتتا كۆرگەزمىدە ئۈرۈمچى سودىدا پۈتۈشۈش ۋە تۈر مەبلىغى جەھەتتە نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل شەھەر قۇرۇلۇشى جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىردى.

  يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن چوقۇم يارقىن ئوبرازغا ئىگە بولۇشى كېرەك. تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىنى قۇرۇپ، كۆرگەزمە يولى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، BRT يېشىل قاتنىشى قاتارلىق بىر قاتار يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىدى. 2 – نۆۋەتلىك كاتتا كۆرگەزمىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹كاتەكچە›› شەكىللىك تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورى قۇرۇشنى تېزلەتتى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئالدىدا، ‹‹كاتەكچە›› شەكىللىك يولنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە ۋاقتىدا ئاپتوموبىل قاتنىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر