باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

بىپايان تۈزلەڭلىكتە ئېچىۋېتىش چوڭ سەھنىسىنى بارلىققا كەلتۈرەيلى (1)

شى شىن

2013.09.03 10:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە نەزەر (2)

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىككى نۆۋەت مۇۋەپپەقيەتلىك ئېچىلدى، ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە بىر قېتىملىق تەجرىبە توپلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەھنىسى بولدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو شىنجاڭ تەڭداشسىز جۇغراپىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن جۇڭگونىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇشتىكى داغدام يولىغا ئايلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىلىگەن كۆۋرۈك ئىستىھكامى بولۇپ قالدى.

  ئۆتكەنكى بىر يىلدا جۇڭگو شىنجاڭنى تۈگۈن قىلغان يېڭى يول ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ، يېڭى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېڭى سودا كېلىشىمى ئۈزۈلۈكسىز ھاسىل قىلىندى. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلغان ھالدا، ئېچىۋېتىلىگەن، ئۆزىگە ئىشەنگەن روھىي قىياپەت بىلەن ئاسىيا، ياۋروپا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندى. 

  يېڭى يولنى ئېچىش تېز بولدى

  كالېندارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ۋەرەقىلىرىنى ۋاراقلىساق، شۇنى بايقىيالايمىزكى، شىنجاڭنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يول قۇرۇلۇشى ئۈزۈلمىدى. تۆمۈريول، ئاسفالىت يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۇرۇبا يوللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىستېرېئولۇق داغدام يول لىنىيەسى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يول لىنىيەسى 2 – قوش لىنىيەسىنىڭ نۇقتىلىق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان ئۈرۈمچى تۈگۈنى ئىچىدىكى ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى كۆۋرۈكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرۇش 21 – ئاۋغۇست ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

  پاكىستان ‹‹راييان›› ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ A310 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 14 – ئاۋغۇست قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قونۇشى ئىسلامئابادتىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان قوش لىنىيەلىك قەرەللىك خەلقئارا ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىنىڭ رەسىمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭدا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 37 سى بولدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىلەن 15 دۆلەت ۋە رايون، 27 خەلقئارالىق شەھەر، مەملىكەت ئىچىدىكى 54 شەھەرنىڭ ھاۋا قاتنىشى تۇتاشتۇرۇلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر