باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>نەتىجىلەر

ئىقتىساد بارومېتىرى، تەرەققىياتنىڭ تېزلەتكۈچىسى (1)

جۇڭ شيۇلىڭ

2013.09.03 10:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى ۋە كارخانىچىلىرى ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ ۋە كۆزدىن كەچۈرىدۇ، بۇ يىل ئۇلارنىڭ يادرولۇق مەھسۇلاتىنىڭ بىرى بولغان 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتورى قازاقىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدۇ، كارخانا چەت ئەلگە چىقىپ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالدى ... ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ ۋېينىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىقتىسادىي موتورلۇق رولى گەۋدىلەنگەن، شىنجاڭ كارخانىلىرى بۇ ئىقتىسادىي سۇپا ئارقىلىق شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربتىن چىقىرىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتكەن.

  19 نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى ۋە ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ بارومېترى ۋە ھالقىما تەرەققىياتنىڭ موتورىغا ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە غەربكە ئىچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكاملىق رولى تېخىمۇ روشەنلىشىۋاتىدۇ. 

  مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان ‹‹بايلىق كانى››

  13 – ئىيۇل، فۇگو خەلقئارا (شياڭگاڭ)گۇرۇھى مەسئۇلىيەت شىركىتى 5 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان قاراماي خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىنىڭ دەسلەپكى قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى ماشىنىسازلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بازىرى ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى، يانداش ئەسلىھەلەر جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىل تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. كەلگۈسى سەككىز ۋە ئون يىلدا قارامايدا ‹‹ئاپتوموبىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تۆۋەن كاربونلۇق مەھەللە›› بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى ئاپتوموبىل شەھەرچىسى قۇرۇلىدىكەن.

  قاراماي خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسى 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كېلىشىم سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان تۈر. بۇ تۈرنىڭ ئورۇنلىشىشى قاراماينى بايلىق شەھىرىدىن ئۇنىۋېرسال شەھەرگە، سانائەت تىپىدىكى ئىقتىسادتىن مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىقتىسادقا تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر