باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە ئىقتىسادچىل، ئەمەلىيەتچىل بولايلى

ياۋ تۇڭ

2013.09.03 10:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاساسىي مۇنبەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ، كۆرگەزمە تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ھۆددە بېرىلىدۇ، كۈتۈم ئۆلچىمى قەتئىي تىزگىنلىنىدۇ


  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭيۈەن 21 – ئاۋغۇست زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ: جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش خىراجىتى مەركەز مالىيەسىدىن بىۋاسىتە ئاجرىتىلىدىغان ھەم كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش خىراجىتى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۇنچە باياشات بولمىغاچقا، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە ئىقتىسادچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىزچىل جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ 1 – ئاساسىي مەقسىتى قىلىندى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئىقتىسادچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش پىرىنسىپىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرگەزمىنى تېخىمۇ كەسپىي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز، دېدى.

  ئىلمىي، ئىنچىكە، قېلىپلاشقان ئەندىزە يارىتىلىدۇ

  دۆلىتىمىزنىڭ كۆرگەزمە ئىشلىرى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، 3 – نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەر ھەمىشە ‹‹رېلىسقا كىرىپ مۇقىملىشىدىغان›› ئاچقۇچلۇق بىر نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۈزۈم، لايىھە، تەرتىپ قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئىلمىي، ئىنچىكە، قېلىپلاشقان بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى ۋە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  لى جىڭيۈەن: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە ئىشلىرى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ھۆددە بېرىلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، تەننەرخنى ياخشى تىزگىنلىگىلى بولۇپلا قالماستىن، كۆرگەزمە خىراجىتىنى %30 تىن كۆپ ئازايتقىلى بولىدۇ؛ ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ھۆددە بېرىش كۆرگەزمىنى ھۆكۈمەت تولۇق ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ھۆكۈمەت زېھنىي كۈچىنى ماكرولۇق يېتەكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارغا كىرگۈزۈشنى كۆرگەزمىنىڭ يېتەكچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت؛ ھۆكۈمەت زېھنىي كۈچىنى جۇڭگو ئوبرازى، شىنجاڭ ئوبرازىنى كېڭەيتىشكە كۆپرەك قارىتىدۇ؛ بۇ، بايلىقنى ياخشى تەقسىملەشنىڭ ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك سىناق، شۇنداقلا كۆرگەزمىنى ئىلمىيلىشىش، بازارلىشىش، كەسىپلىشىشكە يۈزلەندۈرۈشتە تاشلانغان تۇنجى قەدەم، دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە كۈتۈم ئۆلچىمىنى قەتئىي تىزگىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مېھمانخانىلار بىلەن ئەڭ تۆۋەن ياتاق باھاسى كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ، ياتاققا گۈل تىزىلمايدۇ، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھماننىڭ ياتىقىغا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەل – يېمىشلىرىدىن ئازراقلا قويۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادچىل، ئەتراپلىق، قېلىپلاشقان كۆرگەزمە مۇلازىمىتى نامايان قىلىنىدۇ.

  شەكىلگە ئەمەس، مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ

  3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاساسىي مۇنبەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئويۇنى قويۇلمايدۇ، ئەڭ ئادەتتىكى پوجاڭزا ئېتىشمۇ ئېلېكتىرونلۇق شەكىلدە بولىدۇ.

  لى جىڭيۈەن: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بارلىق سودا خاراكتېرلىك ئويۇن كۆرگەزمىسى بىكار قىلىندى، خەلقئارادىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار ئالدىنقى نۆۋەتتىكى 17دىن 22گە كۆپەيدى، بۇ، كەيپىياتنى جانلاندۇرۇشتا ناخشا – ئۇسسۇل بولمىسىمۇ، شەكىلدە داغدۇغا قىلىنمىسىمۇ، كۆرگەزمىنى ئوخشاشلا كەسپىي ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت، ئورگان ۋە سودىگەرلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆرگەزمىدە شەكىلگە ئەمەس، كەسپىيلىككە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ؛ ئېچىلىش مۇراسىمى ئويۇنى ئۆتكۈزمىگەندە، ئاز بولغاندىمۇ 5 مىليون يۈەننى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، دېدى.

  تەيۋەنلىك سودىگەر ۋاڭ گۇڭتاڭ: مەن ئېچىلىش مۇراسىمىدە قانداق ئۇسسۇلنىڭ ئوينالغانلىقى، قانداق ناخشىنىڭ ئېيتىلغانلىقىغا ئەمەس، ئاساسىي مۇنبەردە نېمە دېيىلگەنلىكى، كۆرگەزمىدە قانداق تۈرلەرنىڭ بارلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن، دېدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئۆزگىرىشتىن باشقا، ئەمەلىيەتچىل، ئىقتىسادچىل كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئۇسلۇبىمۇ كۆرگەزمە مۇھىتىنى خېلىلا ساپلاشتۇرىدۇ.

  كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمى نامايان قىلىنىپ، بايلىق يارىتىلىدۇ

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى تېخى يېڭى خەلقئارالىق كۆرگەزمە، ئۇ بېسىپ ئۆتكەن ئىككى يىللىق مۇساپىدە ‹‹پۇلنى ئاز خەجلەپ، ئاز مەبلەغدىن پايدىلىنىپ چوڭ ئىش قىلىش››تەك شىنجاڭچە ئەندىزە تىرىشىپ يارىتىلدى.

  كۆرگەزمىدە ئىمزالانغان 1 مىليارد، 10 مىليارد يۈەنلىك تۈرلەر شىنجاڭدا باش كۆتۈرىدۇ، ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت قىتئە، رايون، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات، چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر شىنجاڭنى تونۇيدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىدۇ. مانا بۇ كۆرگەزمىدە يارىتىلىدىغان ئىقتىسادىي بايلىق.

  كۆرگەزمە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن قائىدىنى بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن جىپسىلىشىش، دۇنياۋى رىقابەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ كۆرگەزمىدە يارىتىلىدىغان مەنىۋى بايلىق.

  ياپونىيەلىك سودىگەر: كۆرگەزمە قىلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىدۇر، كىشىلەر كۆرگەزمە ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ؛ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ئايلاندى، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر