باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساياھەت

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەللەردە مەدەنىي ساياھەت قىلىش تەشەببۇسنامىسى

2013.08.01 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە چېگرا ئاتلاپ ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى 83 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلغانلار سانى ئەڭ تېز كۆپەيگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرا ئاتلاپ ساياھەتكە بارغاندا ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدە جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە پۇقرالارنىڭ سۈپەت-ساپاسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەر بىر ساياھەتچى ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، بىز چېگرا ئاتلاپ ساياھەتكە چىقىدىغان بارلىق ساياھەتچىلەر، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا تۆۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلىمىز:

  بىرىنچى، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىش، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش.

  ئىككىنچى، كەڭ ساياھەتچىلار ئەدەب-ئەخلاققا رىئايە قىلىش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش.

  ئۈچىنچى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق تىرىشىپ، بىرلىكتە يېڭى كەيپىيات يارىتىش.

  جۇڭگولۇقلار چېگرا ئاتلاپ دۇنيانى كۆرگەندە، دۇنيامۇ جۇڭگولۇقلارنى كۆرىدۇ. بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ھەممىنى ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن، ئاز-ئازدىن باشلاپ، چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلىش مەدەنىيەت ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەتلىك جۇڭگونى، قائىدىلىك قىياپەتنى نامايان قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشايلى.

  جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت باش كوپېراتىپى چەكلىك شىركىتى تەشەببۇس قىلدى

  2013-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر