باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ

2013.07.12 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‐‐ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئوبدان قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا (1)
  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەخسۇس يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلۈپ، ئىستىل ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ياخشى باشلىنىپ، ئوبدان ئۈلگە تىكلەندى. 7-ئاي كىرگەندىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمدە تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن سەپەرۋەر قىلىنىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىرىنچى ھالقىدىكى خىزمەت ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن ئىدىيەنى مەركەزنىڭ تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ئىستىلنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا ئۆزگەرتكەندە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ؛ پىكىرنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتا ئاڭلىغاندا ئاندىن مەسىلىگە توغرا قارىغىلى بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزى قانات يايدۇردى، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ھەر جەھەتتىكى پىكىرلەرنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، نۇتۇق تىزىسلىرىنى ئۆزى يېزىپ، چوڭقۇر ئويلاندى ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ۋە ئىستىل ياخشىلاشقا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئاڭلىق ھەرىكەتكە كەلگىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، تونۇش جەھەتتە تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە