باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئىستىلنى تۈزەتكەندىلا، تەرەققىياتنى ھەققانىي ئېنېرگىيەگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ

2013.06.17 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېسىل تاماكا-ھاراقلارنىڭ باھاسى چۈشتى، ھەشەمەتلىك ئىستېمال ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشتى، قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى...

  ئىستىل تۈزىتىلىپ، تېجەش تەدبىرلىرى قاتتىق يولغا قويۇلغانلىقتىن، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، «ھەشەمەتلىك»تاۋارۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. بەزىلەر بۇيۈزلىنىش ئىستېمالغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولارمۇ؟دەپ ئەندىشە قىلماقتا.

  جاۋاب شۇكى، ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. قىسقا مەزگىللىك تەسىر كۆرسىتىشى ئېنىق، ئەمما ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىدىن مەلۇمكى، بۇ خىل ئىستېمال ئىقتىسادىي ساھەدەپەقەت ناھايىتى ئاز سالماقنىلا ئىگىلەيدۇ. ئاممىنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجى ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېمالىغاچەك قويۇلۇشى تۈپەيلىدىن تەسىرگە ئۇچراپ قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئالىي دەرىجىلىك سورۇنلارنىڭ بوسۇغىسىنىچاڭ باسقان بىلەن، پۇقراۋى يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىنىڭ سودىسى يەنىلا قايناق بولۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئالىي دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى تۆۋەنلىگەن بىلەن ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەك كەسىپلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغىنى يوق، مانا بۇ بازارنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشىدۇر.

  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمەكۆپۈكلەشكەن ئىستېمال ئېھتىياجىنىلا چەكلەيدۇ؛ تېجەشنى قاتتىق يولغا قويۇشنىڭ نىشانىبۇرمىلانغان ئىستېمال بازىرىدۇر. ھەشەمەتلىك سورۇن، ھەشەمەتلىك تائاملار ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېمالىنىڭ تەسىرىدە بازار قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ باھانىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇرسا، ئىقتىسادنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولالىسۇنمۇ؟ باھاسى نورمالسىزلاشقان مەھسۇلاتلار يامراپ،ئىقتىدار-باھا نىسبىتى مۇۋاپىق، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى شاللىنىپ كەتسە، نورمال ئىستېمال ئېھتىياجىنى قانداقمۇ ئۈنۈملۈك قوزغىغىلى بولىدۇ؟ تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىستېمال ئەقلىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا ئۇزۇن مەزگىللىكگۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ؛ بايلىقئىسراپچىلىقىنى چەكلىگەندىلا سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ؛ ئاينىپ كەتكەن قۇرۇلمىنى بۇزۇپ تاشلانغاندىلا تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ ھەققانىي ئېنېرگىيەگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغانھازىرقى ئەھۋالدا، بەزى جايلار «ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسەتتى» دېگەنباھانە بىلەنسەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە نىسبەتەن ئەھۋالغا قاراپ باقىدىغان پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتماقتا. شۇنى كۆرۈش لازىمكى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، تېجەشنى قاتتىق يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ «مۇنداقلا دەپ قويغان ئىش» ياكى «ۋاقىتلىق شامال» ئەمەس. ئۇ بىر قىسىم ساھەلەرگە قىسقا مەزگىلتەسىر كۆرسەتكەن بىلەنئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ،ئۇزۇنغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەققانىي ئېنېرگىيە توپلىشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە