- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياش كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرايلى
‐‐ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
2013.06.17 15:13 مەنبە: خەلق تورى
بۈگۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، ياشلارنى جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«جۇڭگو ئارزۇسى بىزنىڭ، شۇنداقلا سىلەر ياش بىر ئەۋلادنىڭ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ياشلارنىڭ ئىز بېسىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ». بۇ يىل «4-ماي» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ياشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى بىلدۈردى، ئىتتىپاق خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەرنى قويدى.ياشلار جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى دادىللىق بىلەن زېممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلارنى قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق سەھىپە يارىتىشى لازىم؛ ياشلارمۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا شاھىد بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە