باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى:«ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ»

2013.06.14 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 14-ئىيۇندىكى سانىدا «ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە بەزى يەرلىكتە كەينى كەينىدىن ئالاھىدە زور بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، زور ئۆلۈم يېتىم ۋە مال مۈلۈك زېيىنى بولدى. ئېچىنىشلىق ئەمەلىيەت ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىيات ئېلىپ بېرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم بەردى.

  ئوبزورچى ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھايات ھەممىدىن قىممەتلىك، كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۈللەندۈرۈشتە بىخەتەرلىك ئەڭ مۇھىم. بىزنىڭ قۇرۇلۇش قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ئەمما تەرەققىيات بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىش ئەمەس، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن، تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى بەختلىك قىلىش. خەلق تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، خەلق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ. تەرەققىيات داۋامىدا ئادەمنى ئاساسى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش، باشتىن ئاخىرى خەلقنىڭ ھاياتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ھايات ھەممىدىن قىممەتلىك دېگەن قاراشنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، باشقۇرۇشنىڭ بارلىق جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش. سۈرئەت، سۈپەت، ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە