باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈچ ‹‹ئۆتكەل›› نى بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك

2013.06.03 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى ‹‹ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى›› دەپ ئاتىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بۇ ‹‹ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى››دا ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ مۇستەھكەم ‹‹ئۆتكەل›› دىن بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرىنچىسى، ‹‹بىيۇروكراتلىق›› ئۆتكىلى

  ‹‹مەنسەپچىلىك›› ئىدىيەسى ھازىرمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەمەلدارلاردا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى تارماقلاردا ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپى چوڭ بولمىغىنى بىلەن بىيۇروكراتلىق ئىدىيەسى ئېغىر. بىز ئاساسىي قاتلامنى زىيارەت قىلغاندا رەھبەرلەرنىڭ ھامان مۇلازىمەت قىلىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇلارغا تاماكا تۇتىدىغان، ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان، ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلەردە كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىدىغانلارنىڭ ھەر قاچان تەييار ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ۋاھالەنكى، بەزى رەھبەرلەر بۇنى ‹‹شۇنداق بۇلۇشى كېرەك›› دەپ قارىغان.

  ‹‹ھوقۇق دېمەك باشقۇرۇش دېمەكتۇر›› دەپ قارايدىغان بەزى رەھبەرلەر كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئامراق. بەزى چوڭ كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى: كارخانا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ھەر يىلى نەچچە ئون تۈركۈم كىشىنى كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ، دېدى.

  ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزى ئەمەلدارلار كارخانىلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ‹‹سېنىڭ پۇلۇڭ بولسا، مېنىڭ ھوقۇقۇم بار›› دېگەن قاراشتا ئىكەن. غەربىي قىسىمدىكى بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بېرىپ بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، مەيلى ئۇ ئىش چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چوقۇم دىرېكتور ئۆزى بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئالاقىدار تارماقلار ‹‹يۈز قارىمايدۇ››. بەزىدە دىرېكتور ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى ئەۋەتسە، ئالاقىدار خادىملار قوبۇل قىلمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى›› ئۇلارنىڭ كارخانىلار ‹‹ۋاي – ۋاي›› دەپ خوشامەت قىلىپ تۇرىدىغان تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ھوقۇق ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى ھوقۇققا ئىنتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر يىلى ئېلىنىدىغان مەمۇرلار ئىمتىھانىدا بەزى تارماقلارنىڭ تىزىملىتىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ‹‹ئەمەلىي ھوقۇقلۇق تارماقلىرى››غا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن، ئادەم ئېلىشتا ‹‹مىڭدىن بىرنى››، ‹‹ئون مىڭدىن بىرنى›› تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى دېگەندەك بەزى تىپىك ‹‹مۇلازىمەت تارماقلىرى››غا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ سانى دائىم بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمەيدۇ.


  ئىككىنچىسى، ‹‹مەنپەئەت زەنجىرى ئۆتكىلى››

  ئىلگىرى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان بىر كارخانا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىر كارخانىغا تەستىق ئېلىش جەريانىدا ‹‹مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى›› تۈرىدىكى ھەر خىل باھالاش، دوكلات، تەكلىپنامىلەرنى تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نۇرغۇن خىراجەت كېتىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە بەزى باھالاش – تەكشۈرۈش تارماقلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن چەمبەرچاس مۇناسىۋەتتە باغلانغان. مەسىلەن، ‹‹مۇھىت تەسىرى باھاسى›› باھالايدىغان شىركەتلەر ئارىسىدا مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ ئورۇنلىرى بار. ئەگەر كارخانىلار مۇشۇ ‹‹ھوقۇقلۇق ئورۇن›› بېكىتكەن مەخسۇس تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالمىسا، ئىشلىگەن مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ياكى باھالىشى ھەر قانچە ئىنچىكە، ھەر قانچە كونكرېت، تەلەپكە ھەر قانچە ئۇيغۇن، ھەر قانچە سالاھىيەتكە ئىگە بولسىمۇ تەستىقتىن ئۆتەلمەيدۇ.

  مۇشۇ ساھەدىكى زاتنىڭ دېيىشىچە، بەزى كەسىپلەر ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن مەنپەئەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن. كارخانىلار ھۆكۈمەت تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغان ھوقۇقنىڭ مۇشۇ مەنپەئەتدارلارنىڭ قولىدىكى ‹‹تورت›› بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن.

  ئۈچىنچىسى، ‹‹ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئۆتكىلى››

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىغا قارايدىغان بولساق، ھوقۇق قانچىكى چوڭايغان، قانچىكى مەركەزلەشكەن جايلاردا چىرىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ شۇنچە كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى بايقايمىز. گەرچە مەركەز چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى يىلدا ئاشۇرسىمۇ، ئەمما ‹‹تەلەي سىنايدىغانلار›› يەنىلا چىقىپ تۇرىدۇ. مەلۇم بىر كۆمۈر كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى: ‹‹تۈر تەستىقى››گە بېسىلىدىغان نەچچە يۈز تامغىنىڭ ئارقىسىغا ئەنئەنىۋى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئادەتلىنىشتىن باشقا، يەنە ئوچۇق ۋە ئاشكارا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوشۇرۇنغان، دېدى.

  ئەمەلىيەتتە بىر تارماقنىڭ ‹‹باي›› ياكى ‹‹كەمبەغەل›› بولۇشىنىڭ بۇ تارماقنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ناھايىتى ئاسان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھوقۇق ئۆزىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلارنى ئاسانلا تاپالايدىغان بولدى. شۇڭا ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا تامغا ياكى ‹‹تىللا دەرىخى›› بار تارماقلارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى قىيىن، دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى›› مۇخبىرى ليۇ جۈن

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە