باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك (2)

2013.05.24 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لۇڭمىن يېزىسىنىڭ چىڭلۇڭچاڭ كەنتىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ چېدىردىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئامما باش شۇجىغا: يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېھقانلار ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلدى، ھازىر يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇدىن غەم قىلمايمىز، كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلەپ، كەچتە چېدىردا تۇرۇۋاتىمىز، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: ئۆيۈڭلارنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مېنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا كۆڭلۈم بۇزۇلدى. ھازىر سىلەرنىڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم خېلى تەسەللى تاپتى، دېدى.

  شى جىنپىڭ چېدىردىن چىققاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى كۆممىقوناقلىققا كېلىپ، ئاپەتتىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دەل ئېڭىز تېرىلغۇ مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭلۇڭچاڭ كەنتى ‹‹جياڭچېڭ›› مەيدانىغا كېلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لۇشەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سىلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىگە تېز ئاتلىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان روھى ۋە جاپا – مۇشەققەتتىن، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق، زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتۇڭلار، پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ! شى جىنپىڭ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ شۇ كۈنى كەچتە چېدىردا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، سىچۈەن ئۆلكىسى، يائەن شەھىرى، لۇشەن ناھىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى باسقۇچتا ئىشلەيدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ھازىرقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش – داۋالاش، ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش، ئۇل ئەسلىھەلەرگە كاپالەتلىك قىلىش، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يەيدىغان تامىقى، كىيىدىغان كىيىمى، تۇرىدىغان ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى، ئىچىدىغان سۈيى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىت يارىتىپ، دەرس ئەسلىگە كەلگەن مەكتەپلەردە نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت باشقۇرۇش، پىسخىك جەھەتتىن تەسەللىي بېرىش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قوغداپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە، كىشىلەر كۆڭلىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس تېخنىكلار بىلەن خەلق ئاممىسى بىرلەشكەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ قايتا تالاپەت پەيدا قىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  22 – ماي چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ 13 – جىتۈەنجۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيەسى مەلۇم لۈسىنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا ئۇچقۇچىلار، ئايروپىلان خادىملىرى، خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان قەھرىمانلار ۋە نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاپەت رايونىغا بىرىنچى بولۇپ بارغان ‹‹92769›› نومۇرلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىپ، ئايروپىلان خادىملىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، قىسىمنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ لۇشەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ لۈينىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى لۇشەن، باۋشىڭ، شىڭجىڭ قاتارلىق ئاپەت ئېغىر بولغان 13 رايونغا 196 قېتىم ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى توشۇش، ئېغىر يارىدارلارنى يۆتكەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي توشۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى نەتىجىلەرنى داۋاملىق ساقلاپ، تەجرىبەلەرنى يەكۈنلەپ، زور خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، ياردەم بېرىش جەريانىدا يېڭى تۆھپەلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا، شى جىنپىڭ چىڭدۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە