باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

كىشىلىك ھوقۇق جۇڭگو ئارزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك

2013.05.16 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ماي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىىسى ئاخبارات ئىشخانىسى«2012-يىللىق جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇ 1991-يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى 10- ئاقتاشلىق كىتابى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئاقتاشلىق كىتابنىڭ ئىلگىرىكى ئاقتاشلىق كىتابلاردىن قانداق پەرقى بار؟ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قانداق يېڭى ئىلگىرلەشلەر بولدى؟ ئالاقىدار مۇتەخەسىسسلەر بۇنى چۈشەندۈردى.

  خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 20 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان ئاقتاشلىق كىتاپتا سان ۋە پاكىتلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ساھەسىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى يېڭى ئىلگىرلەشلەر تونۇشتۇرۇلدى، بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: مۇشۇنداق ھۆججەت قۇرۇلمىسى ئاددىي بولدى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتى.

  نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى جاۋ جېڭچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى بۇ ئون ئاقتاشلىق كىتاپتا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق نەتىجىلىرى ھەقىقى، ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپ،جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى يەكۈنلەيدىغان مۇھىم تارىخىي ماتېرىيالغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي سەھىپىسىگە ئايلاندى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئاقتاشلىق كىتابتا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ئايرىم بىر قىسىم سۈپىتىدە شەرھىيلىنىپتۇ بۇ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئەھمىيىتى چوڭ دەپ ھېسابلاندى.

  ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى پاراۋانلىق قانۇنى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت جاڭ ۋەنخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت بۇلغۇنىشى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى، ھەر بىر كىشىنىڭ ياخشى مۇھىت ۋە ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇشى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇھىتنىمۇ قوغداش كېرەك. ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئىلگىرى ئالاقىدار ھۆججەتلەردە 195-يىلى ئېلان قىلىنغان جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى ناملىق ئاقتاشلىق كىتابتا « دۆلەت نامرات رايونلارغا ياردەم بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلايدۇ» دەپلا يېزىلغان ئىكەن.

  جاڭ ۋېيمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە پۇقرالارنىڭ مۇھىت ھوقۇقى ھەققىدىكى قانۇن ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، مۇھىتنى قوغداشغا سېلىنغان سېلىنما كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ پاكىز تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمان بولۇش ھۇقىقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىندى، پۇقرالارنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق بولۇپلا قالماي تېخىمۇ مۇھىمى كېيىنكى ئەۋلاتلار، كىېيىنكى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشى.

  21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، كىشىلىك ھوقۇق ئايرىم ئايرىم ئاساسىي قانۇن، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۆرۈشى نىشانىنىڭ بىرى قىلىندى، جاۋ جېڭچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە تەركىۋى قىسىمىنىڭ بىرى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى خەن دايۈەن مۇنداق دېدى: ئاقتاشلىق كىتاپنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنياغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدە قولغا كەلگەن ئىلگىرلەشلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

  خەن دايۈەن پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2012-يىلى تاماملانغان ناھىيە يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىدا تۇنجى قېتىم شەھەر بىلەن يېزىلار ئوخشاش بولغان نوپۇس نىسبىتى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلدى، بۇ سايلام قانۇنىنىڭ ئومۇملىقىلىقى، باراۋەرلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، قانۇن چىقىرىش جەھەتتە جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بارغانسېرى قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش، دەلىللەش، سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ قانۇن چىقىرىشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  خەن دايۈەن پۇقرالارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئاشكارىلاش، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، تور ئالاقە قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ بىرقانچە يىلدىكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي تۇرمۇشنى بىلىش،قاتنىشىش يولى بارغانسېرى كۆپەيدى، راۋانلاشتى، ئۇلارنىڭ كەڭ كۇشادە سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى.

  جاڭ ۋېي، جاڭۋەنخوڭلار ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان ئەڭ چوڭ تەسىراتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كىشىلىك ھوقۇق قارىشىدا بۇرۇلۇش ياسىدى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 100 نەچچە ئالىي مەكتەپ كىشىلىك ھوقۇق تەربىيەسى دەرسلىكىنى تەسىس قىلغان، ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپلەرگە تايىنىپ دۆلەت دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدىن ئۈچنى قۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق بازىدىن 5نى قۇرىدىكەن، جاڭ ۋەنخوڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مەمۇرلار ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەربىيەسىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە