باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

<جۇڭگو ئارزۇسى>نى روياپقا چىقىرىش، ياشلار دادىل زېممىسىگە ئېلىش(2)

2013.05.07 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر ياشلارغا ۋەكىللىك قىلدى، ياشلارنى مايىل قىلدى، ياشلارغا تاياندى، باشتىن – ئاخىر ياشلارغا ئەھمىيەت بەردى، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلدى، ياشلارغا ئىشەندى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئەركىن بولۇشىغا تېخىمۇ چەكسىز بوشلۇق يارىتىپ، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ، ياشلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى يارىتىشىغا تېخىمۇ مول پۇرسەت بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى» ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا «جۇڭگو ئارزۇسى» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى» ئارقىلىق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى تىكلەپ، «جۇڭگو ئارزۇسى» ئارقىلىق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر بىر ياش ۋە ئۆسمۈر ئارىسىدا ئارزۇ ئۇرۇقى تېرىپ، ئارزۇغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ۋە ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇ قىلىشىغا، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشىغا، ھەربىر ياش، ئۆسمۈرنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ھەرساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، «جۇڭگو 4 – ماي ياشلار مېدالى»غا ئېرىشكۈچىلەر، «جۇڭگو ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەر، «مەملىكەتلىك يېزا ياشلىرى ئارىسىدىكى بېيىش باشلامچىسى» ئۈلگىلىرى، «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە مۇنەۋۋەر پىدائىيلار، 2012 – يىللىق جۇڭگو ئىستۇدېنتلىرى بويىچە يىللىق شەخس ۋە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرى بويىچە يىللىق شەخس قاتارلىق ھەرساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بولۇپ 70تەك كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە