باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

تەڭرىتاغقا مۇھەببەت

ـ «زامانىمىزدىكى لېي فېڭ» جۇاڭ شىخۇادىن ئۆگىنىش توغرىسىدا

2013.03.27 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى 1 – مارت قوراللىق قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇاغا ‹‹زامانىمىزدىكى لېي فېڭ›› دەپ شەرەپلىك نام بەردى.

  ئۇ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىقنىڭ ئۆت ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىگەن؛ قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارغا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ياردەم قىلغان؛ ئاغرىقلارنى قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ جۇاڭ شىخۇا، ئۈستى – ئۈستىگە ئېسىلغان ئون مىڭدىن ئارتۇق لەۋھە ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن تېببىي تېخنىكىسى، ئالىيجاناب تېببىي ئەخلاقى ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن قويۇق دوستلۇق ئورناتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى. جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭگونى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىدە مېھىر – مۇھەببەت گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى.

  دۇنيادا ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ ئۇلۇغ بىر ھېسسىيات بار، ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت! مۇھەببەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى، كىشىلەرنى، جەمئىيەتنى ئىناقلاشتۇرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى.

  بۇ مۇھەببەت مىللەت ۋە رايون چېگراسىدىن ھالقىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىگە مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچتى. بىر دوختۇرخانا باشلىقى، گېنېرالنىڭ ئاغرىقنىڭ چوڭ تەرىتىنى قولى بىلەن راۋانلاشتۇرغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇ شۇنداق قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبى مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان، ئۇ ئاغرىقلارغا قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ مىللەت ئايرىمىسى، قانداشلىق مۇناسىۋەت ئايرىمىسى يوق. 18 يىلدىن بۇيان جۇاڭ شىخۇانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن پاتەمخان ئانا جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ: ‹‹ئائىلىمىز ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان، مەن ئۇيغۇر، ئېرىم قازاق، يەنە جۇاڭ شىخۇا ئىسىملىك خەنزۇ قىرىندىشىم بار!›› دەيدۇ. جۇاڭ شىخۇا ئاۋامغا پۈتۈن مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن جەمئىيەتنىڭ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە نائىل بولدى.

  بۇ خىل مۇھەببەت ئۆرپ – ئادەت، باي – نامراتلىق، مەرتىۋە پەرقىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئاۋام قەلبىنى ئىللىتتى. جۇاڭ شىخۇا ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن ئاغرىقلارغا باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەردى. مىرزابېك ئوپېراتسىيە پۇلى ئۈچۈن قويىنى رەنىگە قويغاندا، جۇاڭ شىخۇا: ‹‹دېھقانلارنىڭ يېرى بولمىسا، چارۋىچىلارنىڭ قويى بولمىسا بولمايدۇ››، دەيدۇ. مىرزابېك قوي يۇڭىنى سېتىپ، دوختۇرخانىدىكى ھېساباتنى بوغۇش ئۈچۈن كەلگەندە، كەم قالغان ئوپېراتسىيە پۇلىنى دوختۇرخانا باشلىقى جۇاڭ شىخۇانىڭ تۆلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ. جۇاڭ شىخۇانىڭ ئاغرىقلارغا تۇتقان ياخشى مۇئامىلىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قىلچە ئۆزگەرمىدى، ئۇ ئۈزۈلمەس، كۆتۈرۈشلۈك، ھارارەتلىك مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى قەدىمىي ھەم يېپيېڭى مېھىر – مۇھەببەتنى قوغدىدى ۋە نامايان قىلدى.

  بۇ خىل مۇھەببەت شەخسىي ھېسسىيات ۋە ئائىلە ئۇقۇمىدىن ھالقىغان، باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلغانلىقىدىن پۇشمان يېمەيدىغان مۇھەببەت. جۇاڭ شىخۇا دوختۇرخانىنىڭ ئاغرىقلارغا 46 جەھەتتە ۋەدە بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر بىر ۋەدىنى نەقلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆيىدىكىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلالمىدى. قىزى جۇاڭ يەن سىچۈەندىكى لۇجۇ تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئۆتكەندە، جۇاڭ شىخۇا قىزىغا ئاپىسى بىلەن بىللە ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى، لېكىن يولغا چىقىش ئالدىدا، 88 ياشلىق مەلىكە موماينىڭ كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەچكە، جۇاڭ شىخۇا يول تەييارلىقىنى تاشلاپ، دەرھال دوختۇرخانىغا يول ئالىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر پويىز قوزغالغىچە ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيدۇ. بۇ جاھاندا ئىككىلا تەرەپكە تەڭ ياخشى بولماق تەس، قانداق تاللاش بىر كىشىنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، جۇاڭ شىخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولغاندىكى خۇشاللىقىدىن ۋاز كېچىپ، مېھىر – مۇھەببىتىنى تونۇمايدىغان ئاغرىقلارغا بېغىشلىدى، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ مۇھەببەت ھە!

  بۇ خىل روھ ھەممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى. زامانىمىزدىكى لېي فېڭ جۇاڭ شىخۇانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ روھىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئېسىل پەزىلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، باي، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك نۇرىنى جۇلالاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە