باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە

2013.03.21 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرىجۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيەدىكى زىيارىتى ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن قاتارلىق رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭى قۇدرەتلىك كۈچ قوشىدىغانلىقىغا، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

  چېن گوپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىپ بىر ھەپتە بولمايلا، رۇسىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قارشى تەرەپنى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان تۇنجى دۆلەت قىلىشتەك ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ۋە ئالاھىدە خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، بىر يېرىم كۈن ۋاقىت ئىچىدە 20مىگە يېقىن پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ، ۋاقىت ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مول مەزمۇنغا ئىگە. زىيارەت داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن چوڭ ۋە كىچىك دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ئۆز ئارا قوللاشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە «جۇڭگو ساياھەت يىلى» نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مول مەزمۇنغا ئىگە جۇڭگو ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى باشلايدۇ.

  رەئىس شىن جىنپىڭ يەنە زۇڭلى مېدۋىدىف، فېدېراتىپ كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيەنكو ۋە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نالايسىكىن قاتارلىق رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

  چېن گوپىڭ مۇنداق دېدى: زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ يەنە رۇسىيەدىكى ھەر ساھە دوستلار ۋە دوست ئەربابلار بىلەن كەڭ دائىرىدە كۆرۈشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە