باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا قايتا نەزەر

خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزورچى ماقالىسى

2013.03.21 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى20-مارت خەلق گېزىتىدە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشتەك جۇڭگو روھىنى نۇرلاندۇرۇش، بىر نىيەت بىر مەقسەتكە كېلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا قايتا نەزەر ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يالقۇنلۇق ئەمەلىيىتىدە نېمىگە تايىنىپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ؟ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو روھىنى نۇرلاندۇرۇش لازىم. بۇ دەل ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىدۇر. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە جۇڭگو روھىنىڭ تۈپ ماھىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاندى. روھىي كۈچنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلەندى، ئۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كەلگەن روھىي كۈچ. مەيلى مىللەتنىڭ ھايات ماماتلىق پەيتىدە دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، ياكى زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقاندىلا، شەخسلەرنىڭ تەقدىرى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ، تامچىدىن دېڭىز ھاسىل بولۇپ، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللىنىدۇ.

  ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش باشتىن ئاخىرى بىزنى دەۋر تەرەققىياتىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە ئىلھام بېرىدىغان روھىي كۈچ بولۇپ كەلدى. ئىسلاھات تېخى ئورۇنلانمىغان مەزگىلدە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان جۇڭگو مەيلى ئىدىيەۋى تونۇشتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاشتا بولسۇن ياكى مەنپەئەت قېتىقچىلىقى قاشاسىنى بۆسۈپ چىقىشتا بولسۇن، ياكى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بولسۇن، ۋەياكى ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مەنپەئەتنى تەقسىم قىلىشتا بولسۇن ئىسلاھ قىلىش يېڭىلىق يارىتىش روھىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرغاندىلا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە