باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەيلى

2013.03.18 16:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى ئالدىدا 3000 غا يېقىن خەلق ۋەكىلى خەلق سارىيىغا كىرىپ خەلق بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى.

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر كىرىم تەقسىماتىدىن تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىگىچە، مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن تۇماننى تىزگىنلەشكىچە بولغان مەسىلىلەردە كەڭ كۇشادە سۆزلىشىپ، يىغىنغا 401 تەكلىپ سۇندى؛ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ پىكىرلەر مىڭغا يېتىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھىسى ماقۇللاندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. ۋەكىللەر دېموكراتىك ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزدى. قىزغىن چاۋاك بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى،خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارقا ئارقىدىن ماقۇللاندى.

  10نەچچە كۈندىن بۇيان،ۋەكىللەر خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. يىغىندا ماقۇللانغان تۈرلۈك قارار ۋە بەلگىلىمىلەردە خەلقنىڭ ئىرادىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  فرانسىيە پارلامېنتى جۇڭگو فرانسىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان،ناھايىتى زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى؛ جۇڭگو كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دەۋردە تۇرماقتا.

  ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا،جۇڭگو ئىقتىسادىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ئىزىغا يېتەكلەش ياكى يېتەكلىيەلمەسلىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىگە ئايلاندى.

  چۇڭچىڭلىق ۋەكىل مۇنداق دېدى: دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى زورايتسا، ئاشلىق تېرىغۇچى چوڭ ئائىلىلەر،ئائىلە يېزا ئىگىلىك مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى تەرەققىياتىغا مەدەت بەرسە؛يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرسە. يېڭى ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانداق قىلغاندا دېھقانلارغا ۋاكالىتەن ياخشى سۆز قىلغۇچى بولۇش ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم.

  چېڭدۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەكىل گې خوڭلىن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى. جاسارەت ۋە ئەقىل پاراسەتكە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك،بۇ دەۋر بىزگە ئاتا قىلغان ۋەزىپە!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}