باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو تەرەققىي قىلسا، دۇنيامۇ مەنپەئەتلىنىدۇ

ــــ خەلقئارالىق زاتلار جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى تىلغا ئالدى

2013.03.16 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، خەلق گېزىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ بىرلەشمە خەۋىرى: ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوستانە زاتلار جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇلار گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، بىر قەدەر تېز راۋاجلىنىشى جۇڭگوغا ۋە شۇ رايونغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەنمۇ تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەھنىدىكى رولى بارغانسېرى مۇھىملىشىۋاتىدۇ.

  دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش
  سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى باشلىقى لى لياڭفۇ مۇنداق دېدى، جۇڭگو تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پىكىر ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشنى ھەمدە شۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىگە ماسلاشتۇرۇشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
  تايلاند چۇلالوڭكورىن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ زوۋېي مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشى تايلاند قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نەپ يەتكۈزدى، جۇڭگو بىر چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى.

  دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىش
  كورىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پياۋ بىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر شەرقىي شىمال ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىجابىي كۈچ بولۇپ كەلدى ھەمدە دۇنياغا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلدى، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}