باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى بۆسۈش

2013.03.15 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بۇ ئىسلاھات لايىھەسىدە، چوڭ-چوڭ ئىشلارغا تاقىلىدىغان، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى. ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، مۇقەررەركى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئومۇمىيەت يۈكسەك چىقىش نۇقتىسى قىلىندى، ئاپپاراتلارنى تەڭشەش يۆنىلىشى ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان مەركەز تارماقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ قېتىم ئىسلاھات خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. «لايىھە»دە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئاچقۇچلۇق بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، يېڭى نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى.

  خەلققە مۇلازىمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ نىشانى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۈپ نىشانى. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانداق تەڭشىلىشىدىن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ قانداق ئۆزگەرتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك بۇ تۈپ نىشان ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}