باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

2013.03.13 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  پىدائىيلار مارشىنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلىرىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى. 60 نەچچە يىللىق پارلاق مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تېخىمۇ تەنتەنىلىك يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىلەر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىجابىي تەكلىپ بېرىپ ۋە تەدبىر كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ جاپا چەكتىڭلار!

  بۇ يىغىن دېموكراتىك ئاساستا ئوچۇق ئېچىلغان يىغىن، شۇنداقلا ئىناقلىق ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى گۇرۇپپىلار ۋە ئەزالار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئەزالارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئەزالار يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاستىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئىجابىي تەكلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك تەركىبىدىكىلەر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، نۆۋەت ئالمىشىش ئۇتۇقلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەمدە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان بىر تۈركۈم يولداشلار تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىدىكى بىر قىسىم ياشانغان يولداشلار چېكىندى. ئۇلار سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە