باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرايلى(2)

2013.03.13 08:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇۋ خەنمىن يىغىندا سۆز قىلغاندا: ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانچىلىك ھەق ئېلىش تۈرى بار؟ ئومۇمىي يىغىلغان ھەق زادى قانچىلىك؟ بۇ ھەقلەرنى قايسى ئاساسىي گەۋدىلەر يىغىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقلەر نىمىلەرگە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؟ دۆلەت ئىزچىل تۈردە قالايمىقان ھەق يىغىشنى تۈزەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قالايمىقان ھەق يىغىش ئەھۋاللىرى تۈپتىن ھەل قىلىنغىنى يوق. شۇڭا چوقۇم ھەق يىغىش ھوقۇقىنى تۈزۈمنىڭ قەپىسىگە سولاش كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  12-مارت سائەت 0 گىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تور بېكىتىدە ئەزالارنىڭ 617 پارچە يىغىن نۇتقى ماتېرىيالى ئېلان قىلىندى. بۇ ماتېرىياللاردا جۇڭگو ئەقىل ئىدراكى نامايان بولدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت ئېلىمىزنىڭ بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى بارغانسېرى قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

  بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا جەمئىي ئەزالارنىڭ 5641 تەكلىپى قوبۇل قىلىندى. يىغىن تەكلىپ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياۋبىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل نۇرغۇنلىغان تەكلىپلەردە، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ يۈكلىدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرغۇسى!

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە