باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرايلى(1)

2013.03.13 08:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارتتىن 12-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2237 ئەزاسى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشتى.

  2013-يىلى ئېچىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى چوقۇم تارىختا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان پەيت.

  خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ناھايىتى ئېغىر. 1مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى ئىككى يىغىننىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان 2237 نەپەر ئەزا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سايلانغان ئەزالار يېرىمغا يېتىدۇ.

  10 كۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇش ئىشلىرىدا گۈل سۇنۇلمىدى، پايانداز سېلىنمىدى؛ نۇتۇق قەغەزلىرى ۋە قىسقا خەۋەر بېسىش قەغەزلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى؛ تاماق ئۈستەللىرىدە، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئوتتۇرىغا قويغان يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاشقا ئائىت 16 تەدبىرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى.

  قۇرۇق گەپ دۆلەتنى ھالاك قىلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئەلنى گۈللەندۈرىدۇ. 10 كۈندىن بۇيان قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمەلىيەتنى كۆپرەك سۆزلەش روھىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىككى يىغىندا ئەمەلىيەتچىل بولۇش شامىلى قوزغالدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئەزا 9 قېتىم گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قاتتىق تەنقىد قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە