باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئىككى تەڭ قەدەملەشتۈرۈشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2013.03.08 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تەڭ قەدەملەشتۈرۈش، ئەمگەك ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭ قەدەملەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا 2020-يىلدا شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسەت كىشى روھىنى ئۇرغۇتۇش، ئۇ ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي تەقەززاسى. «ئىككى تەڭ قەدەملەشتۈرۈش» بىلەن «كىرىمنى ھەسسىلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشەنچ نەدىن كېلىدۇ؟ قېنى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېنەن ئۆلكىسى جىيۈەن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈيەن مۇنداق دېدى: «‹ئىككى تەڭ قەدەملەشتۈرۈش› بىلەن ‹كىرىمنى ھەسسىلەش›نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىزنىڭ زور ئىشەنچىمىز بار. بىرىنچى، ‹تورت› بارغانسېرى چوڭ ياسىلىۋاتىدۇ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئاساسىمىز بار؛ ئىككىنچى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تېخىمۇ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى جانلاندۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈردى؛ ئۈچىنچى، جامائەت مۇلازىمىتىمىز ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي كاپالەت تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.» ئۇ يەنە مۇنداق قارىدى، ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، جىيۈەن شەھىرى كىرىمنى ھەسسىلەش ۋەزىپىسىنى 2017-يىلى ئورۇنداپ بولالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سەنشى ئۆلكىسى شىياڭ ناھىيەسى داجەي كەنتى پارتىيە باش ياچېكىسىنىڭ شۇجىسى گو فېڭليەن مۇنداق دېدى: «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تەڭ قەدەملەشتۈرۈشتە، مۇھىم ھالقا يېزىلاردا، قىيىن نۇقتىمۇ يېزىلاردا. نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ‹توققۇز ئۇدا ئاشۇرۇش›نىڭ ئىشقا ئېشىش يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇنىڭغا تامامەن ئىشەنچىمىز بار. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچلەندۈرۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە دېھقانلارنى بېيىتىشقا ئالاقىدار بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىۋاتقان بۇ ياخشى يۈزلىنىش چوقۇم سىجىللىشىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}