باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

«جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرايلى

12 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2013.03.05 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار __ ھاياتلىق كۈچى ئۇرغۇيدىغان، شۇنداقلا ئۈمىد چىچەك ئاچىدىغان پەسىل. بۈگۈن زور ئۈمىدنى زىممىسىگە ئالغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆزلىگەن 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن خەلق سارىيىغا جەم بولدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئېچىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى چوڭ بىر ئىش، بىز يىغىننىڭ چاقىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى. مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش ئۈچۈن ئاتلاندى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى» 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ قەلبىگە يېڭى ئارزۇ بېغىشلىدى. ئەنە شۇ دەۋرىي ئارقا كۆرۈنۈش بۇ يىغىنغا تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى يۈكلىدى. پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە قانداق ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى قانداق يەلكىلەش كېرەك؟ بۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەت دىققەت قىلماقتا، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}