باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى: پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرساق تارىخىي بۇرچىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز

ئەمەلىي ئىشلەپ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

2013.03.05 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش شەرت. ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىنتىزامى چىڭ، ئىستىلدا سىناقلاردىن ئۆتكەن، پاك-دىيانەتلىك بىر پارتىيە مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن ھامان غالىپ ئورۇندا تۇرالايدۇ. بۇ پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن چىقارغان چوڭقۇر يەكۈنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پاكلىقى ۋە ئىلغارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاشنىڭ تۈپ تەلىپى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەزدىن تاكى جايلارغىچە يولغا قويۇلغان ئاددىي ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، خادىمنى ئاز ئېلىپ نامراتلارنى يوقلاش، قىيىنچىلىقى بارلاردىن ھال سوراشتىن تاكى يېزىق ۋە يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلاشقىچە، كۈتۈۋېلىش-ئۇزىتىش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىشتىن تاكى زىياپەت بېرىش-كۈتۈش پائالىيەتلىرىنى قىسقارتىش، بىكار قىلىشقىچە، «چىرىكلەشكەنلا بولسا جازاغا تارتىدىغان» چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرىدىن تاكى ھەر دەرىجىلىكلەر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشتەك بۇ يېڭى تەدبىرگىچە، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تازىلاشتىن تاكى بىرىنچى قول رەھبەرلەرگە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكىچە بولغان بۇ بىر قاتار ئەمەلىي ئىشلەش تەدبىرلىرى «پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش» ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}