باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنى ھەقلىق قىلىشتا بىگۈناھلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك(2)

2013.02.21 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  بىر قىسىم ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار كۆپرەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاسپىرانتلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ، بىر قىسىم نامى چىقمىغان، ھەتتا مەبلىغى ئاجىز مەكتەپلەر ئەمەلىي كۈچى سەۋەبلىك بۇنداق قىلالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئۆگەنچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمۇ بەلگىلىك تۆۋەنلەيدۇ. چەت يىراق جايلاردىكى مەكتەپلەر شۇنداقلا ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىنمايدىغان كەسىپلەر بىراقلا ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تاللىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بىلەن ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چەت، يىراق جايلاردىكى ئالى مەكتەپلەر ۋە ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىنمايدىغان كەسىپلەر مۇكاپاتلاش سالمىقىنى زورايتامدۇ-يوق؟ « زىيادە ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق بىلەن زىيادە ئېتىبارغا ئېلىنىشنىڭ يامان دەۋرىيلىكتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ بۇ بىر قاتار يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  يېڭى سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاسپىرانت مائارىپ سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن. ئىسلاھات روھىغا ئىگە سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئەسىلدىكى تەپەككۇر ئادىتى ۋە خىزمەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسەت ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۆگەنچىلەرنى نەپكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېڭى سىياسەتنى يولغا قويۇشتا «بىراقلا ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئۆز يىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۈرۈشلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش- يېڭى سىياسەتنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە