باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

بايلىق ئاچقاندا ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك

2013.02.07 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

  بايلىق ئاچقاندا ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايون 5 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى كارخانىلار ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

  جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى 2013 – يىلى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار يىلىغا 8 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، شىنجاڭ كۆمۈردىن ئىشلەنگەن تەبىئىي گازنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، 10 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت – گازلىق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىكى قۇرۇلۇش باشلاش ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى تارماق شىركىتى، تارىم دەرياسى تارماق شىركىتى، شىنجاڭ نېفىت تارماق شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۆمۈردىن ئىشلەنگەن تەبىئىي گازنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز كەسىپلىرىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومومىيىتىنى چۆرىدەپ، كىرىمنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، شىنجاڭ بىلەن ماس تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ‹‹تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئادەمگە مايىللاشتۇرۇش، تۈر باشقۇرۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئادەتتىكى باشقۇرۇشنى نازۇكلاشتۇرۇش›› مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، ئاكتىپ ھەل قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە