باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

دېھقانلار نېمە ئۈچۈن نامراتلىق قالپىقىنى تالىشىدۇ؟

2013.01.15 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تالىشىپ كىيىش ھادىسىسى كونا خەۋەر بولۇپ قالدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھادىسە دېھقانلار ئارىسىدا يۈز بەردى، مۇخبىر يېقىندا يېزىلاردا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا نۆۋەتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە يول ياساش، سۇ ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا يەنە ھەر بىر ئائىلىلەرگە قارىتىلغان ياردەم سالىمىقىنىڭمۇ زورايغانلىقى سەۋەبلىك دېھقانلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تالىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىغان، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش سىزىقىنى ئېنىق بېكىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى توغرا ئىستاتىستىكا قىلىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، ھېچكىممۇ بىر دېھقاننىڭ نامرات ئىكەن ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە توغرا ئىسپات كۆرسىتەلمەيدۇ، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دېھقانلار كىرىمى ئەمگەك خاراكتېرلىك كىرىم، ھۆكۈمەتنىڭ يۆتكەش خاراكتېرىدىكى كىرىمى ۋە مالىيە خاراكتېرلىك كىرىم دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، دېھقانلار نوپۇسى كۆپ، كىرىم مەنبىيى مۇرەككەپ، توغرا ئىستاتىستىكا قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ.

  زىيارەت داۋامىدا مۇخبىر بەزى كەنتلەردە نامراتلىقنى تالىشىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان، بۇلار ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل بولىدىكەن، بىرىنچى قانداشلىق، يۇرتداشلىق ۋە خاراكتېرى ئارقىلىق بېكىتىش، بۇنداق قىلغاندا بىر كەنت كوپىراتىپىدا چوڭ جەمەتلىك دېھقانلار ئاسانلا نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلىپ قالىدۇ، ئىككىنچى نۆۋەتلىشىپ نامرات بولۇش.

  ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، قانداق قىلىپ ئائىلە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئىلمىي بېكىتىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تالىشىش ھادىسىسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلار كىرىم سەۋىيەسى ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئىلمىي باھالاپ، ئائىلە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى تەرتىپىنى تېخىمۇ چىڭىتىش شۇنداقلا شىكايەتنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەخسۇس كىشىنى ئەرز شىكايەتنى قوبۇل قىلىشقا بېكىتىش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە