باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە، بىر قېتىملىق ھەقىقىي زور قارار

2012.12.10 10:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى يىغىن ئېچىپ ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش ، ئامما بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى بىردەك ماقۇللىدى . بۇ بەلگىلىمىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭرى ، مەزمۇنى ئىنچىكە بولۇپ ، سالمىقىنىڭ زورلىقىنى ، ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايان قىلىپ ، توردا نۇرغۇن ئەكس سادالارنى قوزغاپ ، كىشىگە ناھايىتى «كۈچلۈك» تۇيغۇ بەردى .

  بۇ خىل كۈچلۈكلۈكنىڭ نامايەندە قىلىنىشى بەلگىلىمىنىڭ ئۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ . بۇ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەندە ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۆزگەرتىش ، «قۇرۇق رەسمىيەتچىلىكتىن ، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش »، « قىسقا يىغىن ئېچىش ، قىسقا سۆزلەش ، قۇرۇق پاراڭ ، تەكەللۇپ سۆز قىلماسلىق » ، « ئەمەلىي مەزمۇنى بولمىغان، يوللىسىمۇ ، يوللىمىسمۇ بولىدىغان ھۆججەت ، دوكلاتلارنى يوللىماسلىق » قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن . كونكرېت تەپسىلىي بولۇپلا قالماستىن ، كۈچلۈك بولغان نازارەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا قولايلىق . بىراق ، بۇ خىل « كۈچلۈك » بولۇش ، بۇ قېتىمقى «ھەقىقىي ھەرىكەتلىنىش » تەك مۇھىم قاراردا ئىپادىلىنىدۇ . مەركەزنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان ھۆججەتلىرىگە ئوخشاش بولمىغان يېرى شۇكى ، بۇ قېتىم ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان بولماستىن ، مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو كومىتېتىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان . يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى : خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا « ئاۋال مەركىزىي سىياسىي بىيۇرونىڭ ئۆزىدىن باشلاش ، باشقىلاردىن ئورۇنداشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى ئاۋال ئۆزى ئورۇنداش ، باشقىلاردىن قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىرىنى ئۆزى قەتئىي قىلماسلىق »، بۇ خىل بايانات خاراكتېرلىك سىياسىي بايان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن ، خەلققە ئەستايدىل ۋەدە بېرىش ، بىر خىل « يانى كېرىپ ، ئوق ئېتىش » تەك زور جاسارەت ۋە شىجائەتتۇر .

  ئىسلاھات قىلىش يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ « لايىھەلىشى » گە ئېتىياجلىق ، بىراق بەزىدە ئاۋال « ئۆزى چىقىپ ، ئۆزى چۈشۈپ بېقىش » تەك پاراسەت ۋە شىجائەت بولۇشقا ئېھتىياجلىق . خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش ، پارتىيە ۋە ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئوخشاشلا يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرى چىقىپ ، ئۆزلىرى چۈشۈپ بېقىشىغا ئېھتىياجلىق ، « تۆمۈر سوقۇشتا ئۆزى چىڭ بولۇش كېرەك » دېگەن گەپ بار . رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشى پارتىيە ئىستىلىدىن تارتىپ جەمئىيەت ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشىغىچە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ . خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا « ئاۋال سىياسىي بىيۇرودىن باشلاش كېرەك » ، بۇمۇ بۇ بەلگىلىمىلەرنى يېتەكلەش رولىغا ، ئىجرا قىلىش كۈچىگە ، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە قىلىدۇ .

  ھەر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي بەلگىلىمىنىڭ بېكىتىلىپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئەمەلىي سەۋەبى بولىدۇ . مەركەزنىڭ بۇ قېتىم مۇشۇنداق يۇقىرى ئۆلچەملىك يىغىنىدا خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى بىردەك بېكىتىشى ئەلرايىغا بولغان ھۆرمەت ۋە ماسلىشىش بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا دۇچ كېلىدىغان خەتەرگە رىقابەت ئېلان قىلىشتىكى سەگەك تونۇشتىن كېلىدۇ، ھاكىمىيەت ئىجرا قىلغۇچى پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى يۈكسەك ئىشەنچىدىن كېلىدۇ، ھاكىمىيەت ئىجرا قىلغۇچى پارتىيەنىڭ «مىللەتكە مەسئۇل بولۇش»، «خەلققە مەسئۇل بولۇش»، «پارتىيەگە مەسئۇل بولۇش» تەك كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىدىن كېلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئاياقلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر ئايمۇ بولمىدى. بىراق ھەر خىل يىغىن ۋە سۆز قىلىشلاردىن تارقالغان سىگناللار كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى خىزمەتنى باشلاشتىلا جۇڭگو جەمئىيىتىنى ھەيران قالدۇردى ، شۇنداقلا بىزنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىزنى، تېخىمۇ زور ئىشەنچىمىزنى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئالدىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈمىدلىرىمىزنى قوزغىدى .

  تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە