باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئۈنۈم يارىتىشنى ئىستىل تۈزىتىشتىن باشلايلى

2012.12.06 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ ياخشى ئىستىل پۇختا ئىش قىلىشتۇر»، يېقىندىن بېرى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «خىزمەت ئىسلىتىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باشلاش»نىڭ سەككىز تۈرلۈك تەدبىرى كەڭ ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋە دىققىتىنى قوزغىدى. كېيىنكى قەدەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا قاراش كېرەك.

  سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇختا بولۇشى، پائالىيەت ئەستايىدىل بولۇشى، يىغىن ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەلەپ قىلىشى، ھۆججەت ئەمەلىيەتكە رىئايە قىلىشى كېرەك دېگەنلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مەركەز رەھبەرلىرى ئاز-ئازدىن قول تىقىپ، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قول تىقىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە