باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى: ئىستىلىمىز بىلەن پارتىيە ئىستىلىنى تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى بىلەن خەلقنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەيلى

2012.12.05 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى گەۋدىلەندۈرگەن راستچىللىق-ئەمەلىيەتچىللىق ئوبرازى كەڭ جامائەتنىڭ دىققىنى قوزغىدى ھەمدە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، «خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىش»قا دائىر سەككىز تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە بېكىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە يۈرۈش-تۇرۇشتا ئاددىي بولۇش، يىغىننى ئاز ئېچىش، زىيارەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئەمەلىيىتىدە كۆرستىىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىدىيەۋى پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىپ، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئىستىل ئۆزگەرتىش، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاشقا چاقىرىق قىلدى.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى پارتىيە ئوبرازىغا، پارتىيەنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىغا تاقىلىدۇ. «ئۈچ چوڭ ئىستىل»دىن «ئىككى بولسۇن»غىچە، «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»تىن «تۆتنى گۈللەندۈرۈش»كىچە قارايدىغان بولساق، پارتىيەمىز ئۇزاقتىن بۇيان ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ كەلدى. خەلق ئاممىسى پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىدىن، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدىن جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك باش مەقسەتنى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن قۇۋۋەت ئالغان مۇستەھكەم پارتىيە ئىرادىسى ۋە خەلق ئىرادىسىنى ھېس قىلىپ كەلدى. دۇنيانىڭ، دۆلەتنىڭ ۋە پارتىيەنىڭ ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئىستىلىمىز ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلىنى تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق خەلقنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى تېخىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە