باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

ـــــ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا (6)

2012.12.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.» پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا 2020-يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزگە كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولىدىغان يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» ئارزۇسى كۈنسېرى رىياللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  «كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش»تىن «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»گىچە، «ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»تىن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»كىچە، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇۋاتقانلىقى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پارتىيەمىز جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن چوڭ-چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئەندىزىسىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كۈچلۈك قاراتمىلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، بىز ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە