باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە يۈكلەنگەن «جۇڭگو نىشانى»

2012.11.30 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تاياقچىسىنى قولىغا ئالدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى مۇساپىدە ئۇلار قانداق قىلىپ داۋاملىق كۈچ ئۇلىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە دۆلەت ئىچىدىكىلەر يۈكسەك دىققەت قىلماقتا، دۇنيامۇ كۆز تىكمەكتە.

  11-ئاينىڭ 29-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باشقا رەھبىرىي يولداشلىرى دۆلەت موزېيىغا كېلىپ، «گۈللىنىش يولى» چوڭ كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى باشتىن كەچۈرگەن جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە ياراتقان شانلىق نەتىجىلەرنى ئەسلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرەش ۋە ئىزدىنىش تارىخىغا نەزەر سالدى، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۇچراشقان نۇقتىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ جۇڭگو نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك قەتئى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى يەتكۈزدى.

  تارىخ قوينىدا مەۋقەنى رىياللىققا قويۇپ، كەلگۈسىگە قەدەم تاشلايدىغان قىممەتلىك روھىي بايلىق ساقلانغان. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن سانسىزلىغان پەزىلەتلىك، ئىرادىلىك زاتلارنىڭ بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلغانلىقىنى، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پارتىيەمىزنىڭ جاپالىق ئىزدىنىپ، سوتسىيالىزم تۈپ تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولىنى تاللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئۇزۇن گۈللىنىش يولىغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قان تەرى سىڭدۈرۈلگەن. مۇشۇ پەيتتە زېممىمىزدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە