باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى(1)

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2012.11.30 14:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش–پارتىيەنىڭ بارلىق ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشلىرىغا باھا بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم››؛ ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يادرولۇق مەيدانى قىلىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن–ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك››، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى باشتىن–ئاخىر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دوكلات بىزنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى، خەلقنى بەخت–سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىققا يېتەكلەيدۇ.

  تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچ. تەرەققىيات چىڭ قائىدە دېگەن تۈپ تەلەپتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرغانلىق. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار تارىخىي نەتىجىلەر تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇ جەرياندا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى شەكىللەندى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرىشىمىزغا يېتەكلىدى. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچى ئورنى بېكىتىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىندى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور ۋە چوڭقۇر.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى–ئادەمنى ئاساس قىلىش. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا تەكىتلەنگەن تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم ئاساسىي مەقسەت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تۈپ ئۇسۇل بىلەن ئۆز ئارا ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە. بۇ بىزدىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى باشتىن–ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىلىش ئارزۇ–ئۈمىدلىرىنى قاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە