باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلەيلى(2)

پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىد

2012.11.30 14:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئون يىلغا نەزەر سالساق، بىزنىڭ ئاجايىپ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى جاپالىق مۇساپىمىز، ئۆز نۆۋىتىدە پارتىيەمىزنىڭ خېيىم–خەتەر سىناقلىرىغا يۈزلىنىپ، دادىل ئۆزگىرىش ياساپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدۇر. ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىتتا، بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇردۇق؛ تۇيۇقسىز تارقالغان سارس يۇقۇمىغا دۇچ كەلگەندە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتتۇق؛ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ دۇنياۋى زەربىسىگە قارىتا، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىمىزنى تېزلەتتۇق. ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ، كەسكىن ئۆزگىرىۋاتقان ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەتتە باشتىن–ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايمىز؛ تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ئەقىل–پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ‹‹تۆت چوڭ سىناق››قا بەرداشلىق بېرىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ‹‹تۆت چوڭ خەتەر››نى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك، جاپالىق تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا تىرىشىپ يېڭى، تارىخىي غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  ئىنتايىن خاسىيەتلىك ئون يىلدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالدۇق. كەلگۈسىگە ئاتلىنىش سەپىرىمىزدە رىقابەت يەنىلا كەسكىن بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلادنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپىسى بولىدۇ. تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ مەنىۋى ماھىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلىسەكلا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتالايمىز.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە