باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلەيلى(1)

پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2012.11.30 14:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر دۆلەت تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولغاندىلا، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؛ بىر پارتىيە تارىختىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پاراسىتىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، مەۋج ئۇرۇۋاتقان دەۋر ئېقىمىدا يۆنىلىشنى ئىگىلىيەلەيدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش.

  ئون يىللىق كۈرەش تارىخىنى ئەسلىسەك، ئەڭ مۇھىمى، ماركسىزم–لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار زىچ باغلىنىشلىق ۋە بىر–بىرىگە سىڭگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش ۋە يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئىزچىللاشتۇرغان لىقتىن، بىر قاتار يېڭى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار كەسكىن رىقابەتلەرنى يېڭەلىدۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تىرىشىپ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرەلىدۇق. 18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى بۇ مۇپەسسەل يەكۈن ئون يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزنىڭ يادروسى، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى ئىدىيەۋى قورال.

  ئون يىلغا نەزەر سالساق، بىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش يولىدىكى كۈرەش مۇساپىمىز ئۆز نۆۋىتىدە پارتىيەمىزنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈش جەريانى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھازىرقى جۇڭگودا ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچتى. سوتسىيالىستىك جۇڭگو بۇ ئون يىلدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، قاينام–تاشقىنلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى ۋە تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل–ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتالايمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە