باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلقنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش كېرەك(1)

پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

2012.11.30 14:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹خەلق›› دېگەن سۆز 140 نەچچە يەردە تىلغا ئېلىندى. خەلقنى باشتىن– ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇش پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى.

  كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 91 يىللىق كۈرەش تارىخى بىزگە پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى قاچان قويۇقلىشىدىكەن، شۇ چاغدا ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى؛ پارتىيە ئاممىدىن قاچان ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئىشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىققا، ھەتتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىغا، ئىسلاھات–ئېچىۋېتىش سىنىقىغا، بازار ئىگىلىكى سىنىقىغا، تاشقى مۇھىت سىنىقىغا دۇچ كەلدى، روھىي بوشاڭلىق، قابىلىيەت يېتىشمەسلىك، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىشىش خەۋپى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

  مۇشۇ ئاساستا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى تېخىمۇ تەكىتلىنىپ، ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بارلىق ھەرىكىتىنى باھالاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى قىلىش›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم پۈتۈن پارتىيە خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندىلا، خەلققە بەخت ياراتقاندىلا، باشتىن–ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى؛ تىنچ شارائىتتا خەۋپ–خەتەرنى ئويلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن–ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن–ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتا ئالدى بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسپىي ئارقىدا بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ھەر مىللەت خەلقى ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى. شۇڭا، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئارقىغا سۈرەلمەيمىز، جەزمەن ئىنتايىن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە