باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرەيلى

-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

2012.11.20 16:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئەخلاقتا ھەم قابىلىيەتتە تەڭ يىتىشكەن، نەۋقىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى، قۇرۇلتاي ماقۇللىغان دوكلات پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخى شارائىتتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى ھەققىدىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىلغا يېقىن ئۇلۇغ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يۈكلىگەن، تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان يېڭى بىر پەللىدە تۇردى.

  «زېمىنغا قانچە يېقىن تۇرۇپ كۆككە قارىساڭ، شۇنچە كەڭ ئاسماننى كۆرىسەن». جۇڭگوچە سوتسيالىزم يولى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىدىغان مۇقەررەر يول. جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە، شۇ جاي، شۇ تارماقنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئويى، ئارزۇسى، كۈتكەنلىرىگە زىچ باغلاپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز؛ خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، خەلقنى ئۈزلۈكسىز بەختلىك قىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم.

  90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى ۋە خىزمەتلىرى خەلقنى تېخىمۇ ياخشى سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا 145 قېتىم ئۇچرىغان «خەلق» دېگەن سۆز پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت قىزىل لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خەلققە جان-دىللىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ بىز ئىگىلەشكە تېگىشلىك 18-قۇرۇلتاي روھىنىڭ جەۋھىرى، چۈشىنىشكە تىگىشلىك جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ يادروسى. 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، باشتىن–ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە تۇرۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلىسەك، چوقۇم خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى بېجا كەلتۈرۈپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك بىر جاۋاب بېرەلەيمىز، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}