باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى

2012.11.16 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقتى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى، پەزىلەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن، ياش، قابىلىيەتلىك بىر تۈركۈم رەھبىرىي كادىرلار يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىردى. سايلام نەتىجىسىدە پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى نامايان قىلىندى، پارتىيەمىزنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.پارتىيە ‐‐ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشتا، توغرا نەزەرىيە، چوڭ سىياسەت-تەدبىرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئىتتىپاقلاشقان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولۇشى شەرت. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە