باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

باش ماقالە: «تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى»

2012.11.16 14:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشىردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى» ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركەزنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، بىر تۈركۈم ئاخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان رەھبەرلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركەز رەھبەرلىك ئورگىنىغا كىردى. سايلام نەتىجىسىدە پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسى گەۋدىلەندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇ-تىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، پارتىيەمىزنىڭ گۈللەپ روناق تېپىۋاتقانلىقى، كۆتۈرەڭگۈ روھى، مول ھاياتىي كۈچى ئىپادىلەندى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى جاسارەت بىلەن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا باشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىشىنىشى ۋە چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا كونىلار بىلەن يېڭىلار ئالمىشىشغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كەڭ كۆكسى-قارنىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا چەكسىز ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

  باش ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەتئىي ئېغىشماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك ھەم جاپالىق ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە