باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ بەختىيار، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

ج ك پ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2012.11.15 11:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   «خەلق گېزىتى» باش ماقالىسى

  ج ك پ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى قارالمىلىرى ۋە يۈكسەك بۇرچنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. پارتىيەمىز مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى زېممىسىگە ئېلىپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختىيار، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە ئېچىلغان تولىمۇ مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەستىقلاندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاندى. بۇ بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن قۇرۇلتاي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلغان قۇرۇلتاي، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي.

  قۇرۇلتايدا يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىغا يۈكسەك باھا بېرىلدى. ۋەكىللەر بىردەك: دوكلاتنىڭ بايرىقى روشەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى، ماركسىزملىق پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، دەپ قارىدى.

  قۇرۇلتايدا 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە، پارتىيەمىزنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خەلقنى يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن ئاجايىپ كۈرەش مۇساپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. بۇ ئون يىلدا، بىز دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر قاتار چوڭ خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردۇق. تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزىمى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىللە پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ نىشانى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىش تەكىتلەندى. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇنداق يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئۇلۇغ نىشان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش خىتابنامىسى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان،كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سەپەرۋەرنامە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز ۋە گۈزەل كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاندى. بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق، نەۋقىران رەھبىرىي كادىرلار مەركىزىي كومىتېتقا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەمىزنىڭ گۈللەپ-ياشنايدىغانلىقى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى بارلىقى تۇلۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا مۇھتاج. ھازىر، ئالدىمىزدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ داغدام، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى نامايان قىلىندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخقا، دەۋرگە، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجە يارىتىپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تارىخىي مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرەيلى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-نويابىر تېلېگراممىسى)

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}