باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلايلى

2012.11.14 09:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۆنۈگۈن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيئەت بەرپا قىلىپ بولۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلايلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بايراق يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يول كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا ھەممە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈچلۈك كۈچ ھاسىل قىلغىلى؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، تەرەققىياتتىكى چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسلاھاتتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، باشتىن ئاخىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلانغىلى بولىدۇ.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەم يېپىق قاتمال كونا يولدا مېڭىشقا ھەم بايراقنى ئۆزگەرتىدىغان ناتوغرا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەر قانداق خەتەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ھەر قانداق توسالغۇلارنى يەڭگەندىلا، ئالغا مېڭىش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرسلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە