باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى(1)

2012.11.13 14:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى بايان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

  18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى بايان ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قاراشتى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، خەلقنىڭ بەختى، ئەمىنلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇزاق تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى ئىسلاھات نىشانىنىڭ ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ

  «ھەر قانداق ئەھۋالدا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىڭ ئىگىلىشىمىز، ھەر قانداق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىشىمىز كېرەك».

  جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن دوكلاتتىكى بۇ باياندىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ: «سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگەرگىنى يوق، ئالايلۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشىلەر كىيىنىش، تويۇشنى تەلەپ قىلاتتى؛ بۈگۈنكى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان مەزگىلدە كىشىلەر مائارىپ، داۋالىنىش، مۇھىت ئاسراش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، بىخەتەرلىك قاتارلىق يېڭى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل يۇقىرى قاتلاملىق تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن شەكىللەنگەن زىددىيەت بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا» دېدى.

  ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم تۇتقىسى

  18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇڭا بازار قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە