باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

گۈزەل گەلگۈسىدىن بىشارەت بېرىدىغان سەككىز ئاچقۇچلۇق مەزمۇن(1)

2012.11.13 14:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ىسىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى شەرھلىدى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ئىچى–سىرتىغا، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرگە پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلە ئىخچام ئەمما روشەن ئۇقتۇرۇلۇپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ھەر ساھەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  مۇخبىرىمىز ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭنى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مەسىلە، يېڭى يارقىن نۇقتا، يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما توغرىسىدا زىيارەت قىلدى.

  ئىككى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى «تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تىن «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»كە كېڭەيتىلدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە