باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىن ئىسلاھات يېڭى يۆنىلىشىگە نەزەر

2012.11.13 09:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى باشتىن ئاخىرى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش،ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى شۇنداقلا نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تولغان بۇ دوكلاتتىن ئىسلاھاتتىكى يېڭى نىشانلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرھىيلەنگەندە ئېنىق قىلىپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، رەھبەرلىك ئورنىنى ئازايتىش، مەمۇرىيەت تەننەرخىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى شۇندې رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى لياڭ ۋېيدوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: رەھبەرلىك ئورنىنى ئازايتقاندا مەمۇرىيەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماي يەنە مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتكە قاراپ تېخىمۇ ياخشى بۇرۇلۇش ياسىشىدىكى رىيال تەلىپى، ئەمما تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى رەھبەرلىك ئورنى ئازايغاندىن كېيىن يەنە قايتا كۆپىيىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بار، شۇڭا بۇنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە كۆچمە نوپۇس 230 مىليونغا يېقىنلاشقان، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دېھقان ئىشلەمچى خوڭ گاڭ مۇنداق دېدى: سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ سىڭىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش قاتارلىق ھوقۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، بۇ نوپۇس تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ كەڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپمۇ يېڭى زاماننىڭ دېھقان ئىشلەمچىلىرىگە ئۈمىد ئاتا قىلدى.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەر ئېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممىتى كىرىمىدىكى تەقسىمات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانائەتلىشىش، بازارلىشىشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىگە ئەگىشىپ، يەر ئېلىش سەۋەبىدىن دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى تەرز يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىلەر پات پات يۈز بەردى، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جېجياڭ ئەنجى ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان سوڭ چاڭمېي مۇنداق دېدى: بارلىق دېھقانلار بۇ سىياسەتنى كۈتكەن ئىدى، تېزرەك ئۆلچەم چىقىرىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قايتا ۋاراقلايدىغان بولساق، ئادىللىق دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرى سوڭجياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى شېڭ يافېي مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلار بارلىق خەلققە تېخىمۇ ئادىل نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە