باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكۈسى (4)

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەش چوڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالدى

2012.11.12 16:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەقسىمات: ‹‹ماس قەدەمدە بولۇش››تىن ‹‹تېخىمۇ ئادىل بولۇش››قا ئۆزگەرتىلدى

  18 – قۇرۇلتاي دوكلاتدا: ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش، ئەمگەك ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش، ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى سېلىشتۇرما نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ئىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى سېلىشتۇرما نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دېدى: مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئىسلاھات داۋامىدا ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى %40 ئەتراپىدا كۆپەيتىش كېرەك، ئەمەلىي ئىقتىساد، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەنبە. دۆلەت قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى قىسقارتىشنى كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ھەل قىلىشى، شۇنىڭدەك كىرىم تەقسىماتى ئاساسىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە