باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكۈسى (2)

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەش چوڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالدى

2012.11.12 16:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالىنىش: ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى

  18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: داۋالىنىش كاپالىتى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش، دورا بىلەن تەمىنلەش، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا دائىر سىياسەتلەرنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئەرزان ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ 64 ياشلىق ۋەكىل ۋاڭ يۈەنلىننى بەكمۇ خۇشال قىلدى. ئۇ: يېزىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كېسەللەرنىڭ تۈرلىرى كۆپەيتىلسە ھەم ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزىلاردا سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەر داۋالىنىش خىراجىتىنى تېخىمۇ ئاسان ھەم تېز ئاتچوت قىلالىسا، مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا بەكرەك مايىل بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ياردىمى بېرىلسە، دېدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە