باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكۈسى (1)

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەش چوڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالدى

2012.11.12 16:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى بايانلار ۋەكىللەر ئارىسىدا ئورتاق ئىنكاس پەيدا قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك: دوكلات رېئال مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، خەلققە كەلگۈسى تۇرمۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇپەسسەل لايىھەسىنى نامايان قىلدى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتىكى رېئال ئىزدىنىشىنى بايان قىلىپ، كىشىلەردە جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزدى، دەپ قارىدى.

  مائارىپ: ‹‹ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش››قا يېڭى مەنە قوشۇلدى

  قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئۆلىما كۇڭزى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش››تىن ئىبارەت گۈزەل غايىگە 18 – قۇرۇلتايدا يېڭى مەنە قوشۇلدى.

  ‹‹مائارىپ باراۋەرلىكى››نىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش دەرىجىسى كىشىلەرنىڭ ‹‹ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش››قا بېرىدىغان باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ھازىر مائارىپ باراۋەرلىكىدە قىيىن نۇقتا ئاساسلىقى مائارىپ بايلىقى تەقسىماتىنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنىڭ باراۋەر بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئاساسلىقى مەكتەپ تاللاش، باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرى، ۋەكىل يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: ھازىر مائارىپ يىرىك پىلان تېزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويۇش، يەرلىك ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام، شۇنداقلا تەربىيەلەش ئەندىزىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە كاپالەت مېخانىزمىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن قانات يايدۇرۇلۇپ، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}