باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى (2)

18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى بايان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2012.11.12 14:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› كېرەك

  18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى ۋە ئاچقۇچى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››، يەنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە رۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەدەت بېرىش ۋە يول كۆرسىتىش تەكىتلەندى.

  ۋۇخەن شەھىرى بەيبۇتىڭ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بەيبۇتىڭ گۇرۇھىنىڭ لىدىرى، ۋەكىل ۋاڭ بو: ‹‹بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىگىلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى كىرەلەيدىغان ھەم چېكىنىپ چىقىپ كېتەلەيدىغان مۇۋاپىق ھەم جانلىق مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلئارا كاپىتالنى جانلاندۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك›› دېدى.

  بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››دىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ئەلئارا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 40 نەچچە تۈرلۈك تەپسىلىي پىرىنسىپنى ئارقا–ئارقىدىن يولغا قويدى، قاتناش، تۆمۈر يول، سەھىيە، نەشرىياتچىلىق... بارغانسېرى كۆپ ساھە ئەلئارا كاپىتالغا يۈزلەندى. ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› شەك–شۇبھىسىزكى، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئورتاق گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولغۇسى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە