باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىيە بولمىسا، سوتسىيالىزممۇ بولمايدۇ

2012.11.12 14:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1945-يىلى ، داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر ، دېموكراتىك زات خۇاڭ يەنپېي يەنئەننى زىيارەت قىلغاندى كېيىن ، داڭلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى . خۇاڭ يەنپېي مۇنداق دېگەن : ‹‹ مەن ئاتمىش ياشتىن ئاشتىم ، ئاڭلىغانلىرىمنى دېمەي تۇراي ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمدىن ئېيتقاندا ، ھەقىقەتەنمۇ ‹‹ تېز گۈللەنگەنلەرنى توسۇۋالغىلى بولمايدىكەن ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇشىمۇ شۇنچە تېز بولىدىكەن..... يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، بۇ دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتەلمەيدىكەن ›› ، ‹‹جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىلگىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، مەن ئانچە-مۇنچە چۈشىنىمەن . مەن بىر يېڭى يول تېپىش ئارقىلىق ، بۇ دەۋرىيلىكنىڭ ئىدارە قىلىشىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن ›› . يولداش ماۋ زېدۇڭ جاۋابەن : ‹‹ بىز يېڭى يولنى تاپتۇق . بىز بۇ دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتىمىز . بۇ يېڭى يول دەل دېموكراتىيە . پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەتلا قىلىدىكەن ، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . پەقەت خەلق مەسئۇللا بولىدىكەن ، ئاندىن خەلق ۋە ھاكىمىيەت ۋەيران بولمايدۇ ›› دېگەن .

  بۇ نېمىدېگەن جاسارەت ، نېمىدېگەن ئېنىق ، ئىشەنچ بىلەن بېرىلگەن جاۋاب-ھە ! تارىخنىڭ تەرەققىياتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى ، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولسىلا ، ئاندىن خەلقنى يېتەكلەپ ‹‹ بۇ دەۋرىيلىكنىڭ ئىدارە قىلىشى ›› دىن قۇتۇلالايدۇ . سوتسىيالىزم قۇرۇش يېڭى سەپىرىدە پارتىيەمىز خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ پارلاق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە سىياسىينى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى .

  سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، خەلق ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇش . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ، خەلق دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خۇجايىنىغا ئايلاندى . پارتىيەمىز خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى تۈپ تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى ؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى باراۋەر ، ئىتتىپاق ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈردى ؛ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى خەلق ئاممىسىنى ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ، ئۆز-ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش ، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ ، خەلق قانۇنغا تايىنىپ دېموكراتىك ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزەلەيدىغان بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى ، دېموكراتىيە بولمىسا ، سوتسىيالىزممۇ بولمايدۇ .

  سوتسىيالىزم تەرەققىي قىلغانسېرى ، دېموكراتىيەمۇ شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ . ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىجابىي ، سەلىبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ ھاياتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى . دۆلەت بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى . سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە سىياسىي قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ ، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا نىشان تۇرغۇزۇپ ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاتتى . خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە سىياسىينىڭ گۈللەپ ياشنىغان ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلدى .

  يولداش خۇ جىنتاۋ 18-قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا : ‹‹ چوقۇم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ، ئاكتىپ ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېخىمۇ كەڭ ، تېخىمۇ تولۇق ، تېخىمۇ ساغلام بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك ›› لىكىنى ھەمدە خەلق دېموكراتىيەسىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەكىتلىدى ؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

  (ئاپتورى: لى لىنباۋ)

  تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}